TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 22:23

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

سەن ئۇلارنى ھەرقانداق تەرەپتە خورلىساڭ، ئۇلار ماڭا پەرياد كۆتۈرسە، مەن ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى چوقۇم ئاڭلايمەن؛

پەرۋەردىگار سوراقچى بولۇپ مەن بىلەن سىلىنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم چىقارسۇن! ئۇ ھەق-ناھەقنى ئايرىپ، دەۋايىمنى سوراپ مېنى سىلىنىڭ قوللىرىدىن خالاس قىلىپ، ئادالەت يۈرگۈرگەي!» ــ دېدى.

«ئېزىلگۈچى ئاجىزلارنى باسقان زۇلۇم ۋەجىدىن، مىسكىنلەرنىڭ ئاھۇزارلىرى ۋەجىدىن، ھازىرلا ئورنۇمدىن تۇراي» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن».

داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، مەن بىلەن ئېلىشقانلار بىلەن ئېلىشقايسەن؛ ماڭا جەڭ قىلغانلارغا جەڭ قىلغايسەن!

ئى پەرۋەردىگار، مەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغايسەن، دەۋايىمنى ئەقىدىسىز بىر خەلق ئالدىدا سورىغايسەن؛ مېنى ھىيلىگەر ھەم قەبىھ ئادەمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن.

پەرۋەردىگار بارلىق ئېزىلگەنلەر ئۈچۈن ھەققانىيلىق ھەم ئادالەتنى يۈرگۈزىدۇ؛

بەرھەق، ھەققانىيلار نامىڭغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ؛ كۆڭلى دۇرۇسلار ھۇزۇرۇڭدا ياشايدۇ.

چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى ئىنتايىن كۈچلۈكتۇر؛ ئۇ ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلار.

لېكىن سېنى يۇتۇۋالغانلارنىڭ ھەممىسى يۇتۇۋېلىنىدۇ؛ سېنىڭ بارلىق كۈشەندىلىرىڭ بولسا سۈرگۈن بولىدۇ؛ سېنى بۇلىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ؛ سېنى ئوۋ قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئوۋلىنىدىغان قىلىمەن.

شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سېنىڭ دەۋايىڭنى سورايمەن، سەن ئۈچۈن قىساس ئالىمەن؛ مەن ئۇنىڭ دېڭىزىنى قۇرۇتىمەن، بۇلىقىنى قاغجىرىتىمەن.  

سەن نۇرغۇن ئەللەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، ھەم كىشىلەرنىڭ قانلىرى، زېمىن، شەھەر ھەم ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەنگە قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، ساقلىنىپ قالغان ئەللەر سېنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ؛