TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 29:10

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

«سائۇلنى پادىشاھ قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم، چۈنكى ئۇ ماڭا ئەگىشىشتىن يېنىپ مېنىڭ سۆزۈمگە ئەمەل قىلمىدى». سامۇئىل ئازار چېكىپ پۈتكۈل بىر كېچە پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى.

پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى كاھىن ئاخىمەلەكنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى، يەنى نوبدىكى كاھىنلارنىمۇ چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى.

ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوشافاتقا جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگاردىن يول سورايدىغان يەنە بىر ئادەم بار؛ لېكىن ئۇ مېنىڭ توغرامدا قۇتلۇقنى ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەتنى كۆرسىتىپ بېشارەت بەرگەچكە، مەن ئۇنى ئۆچ كۆرىمەن. ئۇ بولسا ئىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر، دېدى. يەھوشافات: ــ ئى ئالىيلىرى، سىلى ئۇنداق دېمىگەيلا، دېدى.

ئەمەلگە ئاشقان ئارزۇ كىشىگە شېرىن تۇيۇلار؛ لېكىن ئەخمەقلەر يامانلىقنى تاشلاشنى يامان كۆرەر.

ياخشىلىققا يامانلىق قىلىش بولامدۇ؟ چۈنكى ئۇلار جېنىم ئۈچۈن ئورا كولىغان؛ مەن ئۇلارغا ياخشى بولسۇن دەپ، غەزىپىڭنى ئۇلاردىن ياندۇرۇش ئۈچۈن سېنىڭ ئالدىڭدا [دۇئا قىلىپ] تۇرغانلىقىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەرەمىيانى تانىلار بىلەن تارتىپ، سۇ ئازگىلىدىن چىقاردى؛ يەرەمىيا يەنىلا قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا تۇردى.

ئەيسا: ــ ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، ــ دېدى. [لەشكەرلەر] چەك تاشلاپ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.

بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەردىن ئاۋۋال مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلىڭلار.

قېرىنداشلار، يۈرەك ئىنتىزارىم، شۇنداقلا خۇداغا يېلىنىشىم ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈندۇر.