TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 31:4

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

«سەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭ شاراب ۋە يا باشقا كۈچلۈك ھاراقلارنى ئىچىپ، جامائەت چېدىرىغا ھەرگىز كىرمەڭلار؛ بولمىسا، ئۆلۈپ كېتىسىلەر. بۇ سىلەر ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ.

بەن-ھاداد بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندا ھەرقايسى پادىشاھلار بىلەن چېدىرلىرىدا شاراب ئىچىشىۋاتاتتى. ئۇ خىزمەتكارلىرىغا: ــ سەپكە تىزىلىڭلار، دېدى. شۇنى دېۋىدى، ئۇلار شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تىزىلىشتى.

يەتتىنچى كۈنى ئاھاشۋېروش پادىشاھ شارابتىن كەيپى چاغ بولغىنىدا، ئالدىدا خىزمىتىدە تۇرغان مەھۇمان، بىزتا، ھاربونا، بىگتا، ئاباگتا، زېتار، كاركاس دېگەن يەتتە ھەرەمئاغىسىنى

شاراب كىشىنى رەسۋا قىلار، ھاراق كىشىنى غالجىرلاشتۇرار؛ كىمكى ئۇنىڭغا بېرىلىپ ئېزىپ كەتسە، ئەقىلسىزدۇر.

ئى زېمىن، پادىشاھىڭ مۆتىۋەرنىڭ ئوغلى بولسا ۋە ئەمىرلىرىڭ كەيپ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە، بۇ سېنىڭ بەختىڭ!

بىراق بۇلارمۇ شاراب ئارقىلىق خاتالاشتى، ھاراق بىلەن ئېزىقىپ كەتتى: ــ ھەم كاھىن ھەم پەيغەمبەر ھاراق ئارقىلىق ئېزىقىپ كەتتى؛ ئۇلار شاراب تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان؛ ئۇلار ھاراق تۈپەيلىدىن ئەلەڭ-سەلەڭ بولۇپ ئېزىقىپ كەتتى؛ ئۇلار ئالدىن كۆرۈشتىن ئاداشتى، ھۆكۈم قىلىشتا ئېزىقىشتى؛  

ئۆزلىرىنى پاھىشىلىك، شاراب ۋە يېڭى شارابقا بېغىشلىدى؛ بۇ ئىشلار ئادەمنىڭ ئەقىل-زېھنىنى بۇلاپ كېتىدۇ.

بەرھەق، شاراب ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ ــ ئۇ تەكەببۇر ئادەم، ئۆيدە تىنىم تاپمايدۇ، ھەۋىسىنى تەھتىسارادەك يوغان قىلىدۇ؛ ئۇ ئۆلۈمدەك ھېچقاچان قانمايدۇ؛ ئۆزىگە بارلىق ئەللەرنى يىغىدۇ، ھەممە خەلقنى ئۆزىگە قارىتىۋالىدۇ.