TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 4:17

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

مانا، ئۇلار دەشت-باياۋانلاردىكى ياۋايى ئېشەكلەردەك، تاڭ سەھەردە ئولجا ئىزدەش «خىزمىتى»گە چىقىدۇ؛ جاڭگال ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن يېمەكلىك تەمىنلەيدۇ.

«ئوغرىلىقچە ئىچكەن سۇ تاتلىق بولىدۇ، ئوغرىلاپ يېگەن نان تەملىك بولىدۇ!» ــ دەپ چارقىۋاتىدۇ.

قەبىھلىكنى ئالدامچىلىقنىڭ يىپلىرى بىلەن، گۇناھنى ھارۋا ئارغامچىسى بىلەن تارتقانلارغا ۋاي!

چۈنكى خەلقىم ئارىسىدا رەزىللەر باردۇر؛ ئۇلار پىستىرمىدا ياتقان قىلتاقچىلاردەك پايلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار تۇزاق سېلىپ، ئادەملەرنى تۇتۇۋالىدۇ.

ئۆز ئولجىسىنى تىتما قىلىدىغان، ھۆركىرەيدىغان شىردەك ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇنىڭدا سۇيىقەست ئىشلىتىدۇ؛ ئۇلار جانلارنى يەۋېتىدۇ؛ خەزىنىلەرنى، قىممەتلىك نەرسىلىرىنى بۇلىۋالىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۇل خوتۇنلارنى كۆپەيتمەكتە.

پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ئازدۇرغۇچى پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ (ئۇلار چىشلىرى بىلەن چىشلەيدۇ، «ئامان-تىنچلىق!» دەپ ۋارقىرايدۇ، كىمەركىم ئۇلارنىڭ گېلىنى مايلىمىسا، شۇلارغا قارشى ئۇرۇش ھازىرلايدۇ!)  

ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى ھۆركىرەيدىغان شىرلار، ئۇنىڭ سوراقچىلىرى بولسا كەچلىكى ئوۋلايدىغان، ئەتىگىنى غاجىلىغۇدەك ھېچنەرسە قالدۇرمايدىغان بۆرىلەردۇر؛

مانا، ئېتىزلىقىڭلاردا ئىشلەپ ھوسۇل يىغقانلارغا خىيانەت قىلىپ ئىش ھەقلىرىنى بەرمەي كەلدىڭلار. بۇ تۇتۇۋېلىنغان ھەق ئۈستۈڭلاردىن پەرياد كۆتۈرمەكتە، شۇنىڭدەك ئورمىچىلارنىڭ نالە-پەريادلىرى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى.