TSK

TSK · رۇت 4:13

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئەمما رىۋكاھ بولسا تۇغماس بولغاچقا، ئىسھاق خوتۇنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئايالى رىۋكاھ ھامىلىدار بولدى.

شۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ راھىلەگە غەزىپى كېلىپ: ــ مەن بالىياتقۇنىڭ مېۋىسىنى سەندىن ئايىغان خۇدانىڭ ئورنىدىمۇ؟! ــ دېدى.

ئاندىن ئەساۋ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ سەن بىلەن بىللە كەلگەنلەر كىملەر؟ ــ دەپ سورىدى. ياقۇپ: ــ بۇلار خۇدا شاپائەت قىلىپ كەمىنىلىرىگە بەرگەن بالىلاردۇر، ــ دېدى.

پەرۋەردىگار ساڭا بۇ ياش چوكاندىن تاپقۇزىدىغان نەسلىڭ تۈپەيلىدىن سېنىڭ جەمەتىڭ تامار يەھۇداغا تۇغۇپ بەرگەن پەرەزنىڭ جەمەتىدەك بولغاي! ــ دېدى.

قورسىقى توق بولغانلار نان تېپىش ئۈچۈن ئۆزىنى ياللانمىلىققا بەردى؛ لېكىن ئاچ قالغانلار ھازىر ئاچ قالمىدى؛ ھەتتا تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغىدۇ؛ لېكىن كۆپ بالىلىق بولغان سولىشىپ كېتىدۇ.

مانا، بالىلار پەرۋەردىگاردىن بولغان مىراستۇر، بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى ئۇنىڭ مۇكاپاتىدۇر؛