TSK

TSK · سامۇئىل «2» 16:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

شۇ كۈنلەردە (ۋە شۇنداقلا كېيىنكى كۈنلەردىمۇ)، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلاردىن بالىلارنى تاپقىنىدا، گىگانتلار يەر يۈزىدە پەيدا بولدى. بۇلار بولسا قەدىمكى زامانلاردىكى داڭلىق پالۋان-باتۇرلار ئىدى.

ئىسرائىل ئۇ زېمىندا تۇرغان ۋاقتىدا، رۇبەن بېرىپ ئۆز ئاتىسىنىڭ كېنىزىكى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى؛ ئىسرائىل بۇنى ئاڭلاپ قالدى. ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى: ــ

ئەي رۇبەن، سەن مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمسەن، كۈچ-قۇدرىتىمسەن، كۈچۈم بار ۋاقتىمنىڭ تۇنجى مېۋىسىدۇرسەن، سالاپەت ۋە قۇدرەتتە ئالدى ئىدىڭ،

ئەگەر بىرسى ئاتىسىنىڭ ئايالى بىلەن ياتسا، ئۆز ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىسى ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.  

شۇڭا ئاقىش داۋۇتقا ئىشەندى: ــ «ئەمدى ئۇ خەلقى ئىسرائىلنى ئۆزىدىن سەسكەندۈرۈۋەتتى؛ مېنىڭ خىزمىتىمدە مەڭگۈ قۇل بولىدۇ»، دەپ ئويلىدى.

ئاممونىيلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلىپ، ئادەم ئەۋەتىپ بەيت-رەھوبدىكى سۇرىيلەر بىلەن زوباھدىكى سۇرىيلەردىن يىگىرمە مىڭ پىيادە ئەسكەر، مائاكاھنىڭ پادىشاھىدىن بىر مىڭ ئادەم ۋە توبدىكى ئادەملەردىن ئون ئىككى مىڭ ئادەمنى ياللاپ كەلدى.

يوناداب ئۇنىڭغا: سەن ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ، يېتىپ قالغان بولۇۋال؛ ئاتاڭ سېنى كۆرگىلى كەلگەندە ئۇنىڭغا: سىڭلىم تامار كېلىپ ماڭا تاماق بەرسۇن؛ ئۇنىڭ تاماق ئەتكىنىنى كۆرۈشۈم ئۈچۈن، ئالدىمدا تاماق ئېتىپ بەرسۇن، مەن ئۇنىڭ قولىدىن تاماق يەي، دەپ ئېيتقىن، دېدى.

داۋۇت يېرۇسالېمغا كېلىپ ئوردىسىغا كىردى. پادىشاھ ئوردىغا قاراشقا قويۇپ كەتكەن ئاشۇ ئون كېنىزەكنى بىر ئۆيگە قاماپ قويدى. ئۇ ئۇلارنى باقتى، لېكىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەردە تۇل ئاياللاردەك ئۆلگۈچە قامالغان پېتى تۇردى.

سۇلايمان پادىشاھ جاۋاب بېرىپ ئانىسىغا: ــ نېمىشقا ئادونىيا ئۈچۈن شۇناملىق ئابىشاگنى سورايسەن؟ ئۇ ئاكام بولغانىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئابىياتار كاھىن ئۈچۈن ۋە زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ئۈچۈن پادىشاھلىقنىمۇ سورىمامسەن! ــ دېدى.

شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، سىلەر ئەللەر ئارىسىدا لەنەت بولۇپ قالغىنىڭلارنىڭ ئەكسىچە، ئى يەھۇدا جەمەتى ۋە ئىسرائىل جەمەتى، مەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن، سىلەر [ئۇلارغا] بەخت-بەرىكەت بولىسىلەر؛ قورقماڭلار، قوللىرىڭلار كۈچلۈك قىلىنسۇن!