TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 11:17

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇ كوبرا يىلاننىڭ زەھەرىنى شورايدۇ، چار يىلاننىڭ نەشتىرى ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ.

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ غېرىب-ئاجىزلارغا غەمخورلۇق قىلغان كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! ئېغىر كۈنلەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پاناھ بولىدۇ.

قاراڭغۇلۇقتا تۇرغان دۇرۇس ئادەمگە نۇر پەيدا بولىدۇ؛ ئۇ شەپقەتلىك، رەھىمدىل ھەم ھەققانىيدۇر.

سېخىي ئادەم بەرىكەت تاپار؛ چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرگە ئۆز نېنىدىن بۆلۈپ بەرگۈچىدۇر.  

بەرھەق، ئىپلاس ئادەمنىڭ تەدبىرلىرى قەبىھتۇر؛ ئۇ قەستلەرنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ، مۆمىنلەرنى يالغان گەپ بىلەن، يوقسۇلنىڭ دەۋاسىدا گەپ قىلىپ ئۇنى ۋەيران قىلىشنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ.

ئاش-نېنىڭنى ئاچلارغا ئۈلەشتۈرۈشۈڭ، ھاجەتمەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىپ ئۆيۈڭگە ئاپىرىشىڭ، يالىڭاچلارنى كۆرگىنىڭدە، ئۇنى كىيدۈرۈشۈڭ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ بىلەن بىر جان بىر تەن بولغانلاردىن قاچۇرماسلىقىڭدىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟

شۇڭا ئى ئالىيلىرى، مېنىڭ نەسىھىتىم سىلىگە لايىق كۆرۈلگەي، گۇناھلىرىدىن قول ئۈزگەيلا، ئىشتا ھەققانىي بولغايلا، قەبىھلىكلىرىدىن توختاپ كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىك قىلغايلا. شۇنداق قىلغاندىلا بەلكىم داۋاملىق گۈللەپ ياشنىمامدىلا؟

چۈنكى سىلەر باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ.

بېرىڭلار ۋە سىلەرگىمۇ بېرىلىدۇ ــ ھەتتا چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ، سىلكىپ تولدۇرۇلۇپ ئۈستىدىن تېشىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە قوينۇڭلارغا تۆكۈپ بېرىلىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىلىدۇ.  

مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم، سىلەردىن بىرەر سوۋغاتنى ئىزدەپ سورىغىنىم ئەمەستۇر، ئىزدىگىنىم بولسا ھېساۋاتىڭلارغا [روھىي] مېۋىنىڭ كۆپ توپلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر.

ئەي بايلار، قۇلاق سېلىڭلار! بېشىڭلارغا چۈشىدىغان كۈلپەتلەر ئۈچۈن داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلاڭلار.