TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 31:26

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

لېكىن ئايالى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر پەرۋەردىگار بىزنى ئۆلتۈرۈشكە لايىق كۆرگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەنى قولىمىزدىن قوبۇل قىلمىغان بولاتتى، بۇ ئىشنىمۇ كۆرسەتمىگەن بولاتتى ۋە شۇنداقلا بۇنداق سۆزلەرنى بىزگە ئېيتمىغان بولاتتى، ــ دېدى.

دانىشمەن بىر خوتۇن شەھەردىن توۋلاپ: قۇلاق سېلىڭلار! قۇلاق سېلىڭلار! يوئابنى بۇ يەرگە چاقىرىپ كېلىڭلار، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغىنىمنى ئۇنىڭغا ئېيتىڭلار، ــ دېدى.

ئەستەرنىڭ خىزمىتىدە بولغان دېدەكلىرى ۋە ھەرەمئاغىلىرى بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىۋىدى، خانىشنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن ئېغىر بولدى؛ موردىكاينىڭ بوزنى تاشلاپ، كىيىۋېلىشىغا كىيىم-كېچەك چىقارتىپ بەردى، لېكىن موردىكاي قوبۇل قىلمىدى.

ــ ئەگەر نەزەرلىرىدە ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسام، ئى ئالىيلىرى، ۋە پادىشاھىمغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، مېنىڭ ئىلتىماسىم ئۆز جېنىمنى ئايىغايلا، شۇنىڭدەك مېنىڭ تەلىپىم ئۆز خەلقىمنى ساقلىغايلا؛

ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق چىقار؛ لېكىن شۇملۇق تىل كېسىپ تاشلىنار.

ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلىنسا، ھۆكۈمدارمۇ قايىل قىلىنار، يۇمشاق تىل سۆڭەكلەردىنمۇ ئۆتەر.

ئاھ مېنىڭ پاختىكىم، قورام تاش يېرىقى ئىچىدە، قىيا دالدىسىدا، ماڭا ئاۋازىڭنى ئاڭلاتقايسەن، چۈنكى ئاۋازىڭ شېرىن، جامالىڭ يېقىملىقتۇر!»

ئاغزىدىن ھەقىقەتنىڭ تەلىم-تەربىيىسى چۈشمىگەن، لەۋلىرىدىن ناھەقلىق تېپىلمىغان؛ ئۇ ئاراملىق-خاتىرجەملىك ھەم دۇرۇسلۇقتا مەن بىلەن بىللە ماڭغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى قەبىھلىكتىن ياندۇرغان.

ئۇ سىناگوگدا يۈرەكلىك سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنى ئاڭلىغان پرىسكىللا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ يولىنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

سىرتتىكىلەرگە نىسبەتەن دانالىق بىلەن مېڭىڭلار، پۇرسەتلەر چىققاندا كۆڭۈل قويۇپ قولدىن بەرمەڭلار.  

بەلكى «قەلبىڭلاردىكى ئۆزۈڭلار»، يەنى مۆمىن ۋە تىنچ روھتىن بولغان چىرىماس گۈزەللىكتىن بولسۇن؛ بۇنداق [گۈزەللىك] خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر.