TSK

TSK · تارىخ-تەزكىرە «1» 21:1

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

سەن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى سانىغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ سانىلىشى ۋەجىدىن ئارىسىغا بالايىئاپەت كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى سانىغىنىڭدا ھەربىر ئادەم ئۆز جېنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا كافارەت پۇلى تاپشۇرسۇن.   

پادىشاھ ئاراۋناھغا: ياق، قانداقلا بولمىسۇن بۇلارنى سەندىن ئۆز نەرخىدە سېتىۋالمىسام بولمايدۇ. مەن بەدەل تۆلىمەي پەرۋەردىگار خۇدايىمغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ھەرگىز سۇنمايمەن، ــ دېدى. ئاندىن داۋۇت خامان بىلەن كالىلارنى ئەللىك شەكەل كۈمۈشكە سېتىۋالدى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشىرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ھەر قايسىسى جەمەت باشلىرى، ئالامەت باتۇر جەڭچىلەر، يولباشچىلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى بويىچە نەسەبنامىگە تىزىملانغاندا، جەڭگە چىقىلايدىغانلىرى جەمئىي يىگىرمە ئالتە مىڭ ئىدى.

يەنە بىر كۈنى، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولۇشقا كەلدى. شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى.

ئاندىن ئۇ ماڭا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان باش كاھىن يەشۇئانى، شۇنىڭدەك يەشۇئانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىشكە تۇرغان شەيتاننى كۆرسەتتى.

ئۇ شۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن، تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق قارشىلىشىپ، ئۇنىڭغا كۆپ ئىشلارنى مۇزاكىرىلىشىشكە قىستىدى

ئەمدى كەچلىك تاماق يېيىلىۋاتقانىدى؛ ئىبلىس ئاللىبۇرۇن سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى.

ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە گۈزەل ئىش قىلىشقا بىر-بىرىمىزنى قانداق قوزغاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايلى.

ئاندىن مەن ئەرشتە يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ «كەلدى خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقى، قۇدرىتى، پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ ھوقۇقى! چۈنكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا كېچە-كۈندۈز شىكايەت قىلىپ تۇرغان شىكايەت قىلغۇچى ئەرشتىن تاشلىۋېتىلدى؛