TSK

TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 23:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

شۇنىڭ بىلەن بۇ [ئۈچ يۈز ئادەم] ئوزۇق-تۈلۈك ۋە كانايلىرىنى قولىغا ئېلىشتى؛ گىدېئون ئىسرائىلنىڭ قالغان بارلىق ئادەملىرىنى ئۆز چېدىرىغا قايتۇرۇۋېتىپ، پەقەت شۇ ئۈچ يۈز ئادەمنى ئېلىپ قالدى. ئەمدى مىدىيانىيلارنىڭ لەشكەرگاھى بولسا ئۇلارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى جىلغىدا ئىدى.

زادوك كاھىن ئىبادەت چېدىرىدىن ماي بىلەن تولغان بىر مۈڭگۈزنى ئېلىپ، سۇلايماننى مەسىھ قىلدى. ئاندىن ئۇلار كاناي چالدى. خەلقنىڭ ھەممىسى: ــ سۇلايمان پادىشاھ ياشىسۇن! ــ دەپ توۋلاشتى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى تونلىرىنى سېلىپ، پەلەمپەيدە يېيىپ ئۇنىڭغا پايانداز قىلدى. ئۇلار كاناي چېلىپ: «يەھۇ پادىشاھ بولدى!» دەپ جاكارلاشتى.

پادىشاھ تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: ــ پەرۋەردىگارغا ئەگىشىپ پۈتۈن قەلبىم ۋە پۈتكۈل جېنىم بىلەن ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىقلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ، ئۇشبۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ئەھدىگە ئەمەل قىلىمەن دەپ ئەھدىگە ئۆزىنى باغلىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسىمۇ ئەھدە ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى باغلىدى.

داۋۇت يەنە لاۋىيلارنىڭ يولباشچىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن نەغمىچىلەرنى تەيىنلەشنى بۇيرۇدى؛ ئۇلار جۈملىدىن تەمبۇر، چىلتار، جاڭلار قاتارلىق ھەرخىل سازلارنى چېلىپ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ شاد-خۇراملىق ئىچىدە كۈي ئېيتىشقا تەيىنلەندى.

داۋۇت ۋە شۇنداقلا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىيلار ھەمدە نەغمىچىلەر ھەم نەغمە-ناۋا بېشى بولغان كەنانىيالارنىڭ ھەممىسى كاناپ لىباس كىيىشكەنىدى؛ داۋۇت ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە كاناپ ئەفود كىيگەنىدى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتىلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە نەغمە-ناۋا قىلىش ئۈچۈن، جاڭ-جاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتار چېلىپ خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى. ئاساف، يەدۇتۇن ۋە ھېمان [بۇ ئىشلاردا] پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارايتتى.

مانا ئۇلارنى غايەت زور قورقۇنچ باستى؛ چۈنكى خۇدا ھەققانىيلارنىڭ دەۋرىدىدۇر.

ھەققانىيلار گۈللەنسە، پۇقرالىرى شادلىنار، قەبىھلەر ھوقۇق تۇتسا پۇقرا نالە-پەرياد كۆتۈرەر.

شاھزادە سىرتتىن شۇ دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ يولى بىلەن كىرىدۇ، ئۇ كىرىش ئېغىزىنىڭ كېشەك تېمى تۈۋىدە تۇرىدۇ؛ كاھىنلار بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ؛ ئۇ دەرۋازىنىڭ بوسۇغىسىدا سەجدە قىلىدۇ ئاندىن چىقىدۇ؛ بىراق دەرۋازا كەچكىچە ئېتىلمەيدۇ.