شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈڭنى ئالدىمدا تۆۋەن تۇتۇشنى قاچانغىچە رەت قىلىسەن؟ ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن قوۋمىمنى قويۇپ بەر.
TSK
TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 36:12
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ماناسسەھ مۇشۇنداق ئازابقا چۈشكەندە خۇداسى پەرۋەردىگارغا يالۋۇرۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى ئالدىدا ئۆزىنى بەك تۆۋەن تۇتتى.
ئۇ ئۆزىنى پەرۋەردىگار ئالدىدا ئاتىسى ماناسسەھ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاندەك تۆۋەن تۇتمىدى؛ بۇ ئاموننىڭ بولسا گۇناھ-قەبىھلىكلىرى بارغانسېرى ئېشىپ باردى.
پادىشاھ زەدەكىيا مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇرنى ھەم مائاسېياھنىڭ ئوغلى، كاھىن زەفانىيانى ئەۋەتكەندە، يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى مۇنۇ بىر سۆز كەلدى: ــ
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ زەدەكىيانىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، ئۇ ئۇنىڭغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ.
پادىشاھ زەدەكىيا ئادەم ئەۋەتىپ يەرەمىيا پەيغەمبەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئۈچىنچى كىرىش ئىشىكىگە، ئۆز يېنىغا ئاپارغۇزدى. پادىشاھ يەرەمىياغا: ــ مەن سەندىن بىر ئىشنى سورىماقچىمەن؛ ئۇنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن ــ دېدى.
ئەي بەلشازار، نېبوقادنەسارنىڭ ئوغلى تۇرۇپ ئۆزلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەرلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلمىدىلا.
ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە خۇدا سىلەرنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛