TSK

TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:39

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

مەن ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولسام، ئۆز ئاغزىم ئۆزۈمنى گۇناھقا پاتۇرار، قوسۇرسىز بولغان بولسام، ئۇ يەنىلا مېنى ئەگرى دەپ بېكىتەر.

ئۆز قۇلۇڭنى سوراققا تارتىشقا تۇرمىغايسەن؛ چۈنكى نەزىرىڭدە تىرىكلەرنىڭ ھېچبىرى ھەققانىي ئىسپاتلانمايدۇ.

بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ؛ شۇ ئەھدىنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىنى قولىدىن تۇتۇپ مىسىردىن قۇتقۇزۇپ يېتەكلىگىنىمدە ئۇلار بىلەن تۈزگەنىدىم؛ گەرچە مەن ئۇلارنىڭ يولدىشى بولغان بولساممۇ، مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدەمنى بۇزغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

ۋە مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئەيسانى سىنىماقچى بولۇپ: ــ ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى.

مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، بۇ ئىككىيلەندىن [پەرىسىي] ئەمەس، بەلكى [باجگىر] كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنار، لېكىن كىمكى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسا ئۈستۈن كۆتۈرۈلەر.  

ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەن ھەركىم مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ؛ ئۇ ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، بەلكى ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ.

تەۋراتتىكى بارلىق سۆزلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغانلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقى بىزگە ئايان. بۇلارنىڭ مەقسىتى، ھەر ئىنساننىڭ ئاغزى باھانە كۆرسىتەلمەي تۇۋاقلىنىپ، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر خۇدانىڭ سورىقىدا ئەيىبكار ئىكەن دەپ ئايان قىلىنسۇن، دېگەنلىكتۇر.

بىراق، ھېچ ئىش-ئەمەل قىلماي، پەقەت نومۇسسىز گۇناھكارلارنى ھەققانىي قىلغۇچى خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ئېتىقادى ھەققانىيلىق دەپ ھېسابلىنىدۇ!

ھازىر بىز ئۇنىڭ قېنى بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، ئەمدى ئۇ ئارقىلىق [كېلىدىغان] غەزەپتىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ جەزمەندۇر.

بىر چاغلاردا قانۇننىڭ سىرتىدا ياشىغىنىمدا ھايات ئىدىم، لېكىن قانۇن ئەمرىنى بىلىشىم بىلەنلا، گۇناھمۇ جانلىنىپ، مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ باردى.

چۈنكى [گۇناھلىق] ئەت ئېلىپ كېلىدىغان ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى قىلالمىغاننى خۇدانىڭ ئۆزى [قىلدى]؛ ئۇ ئۆز ئوغلىنى گۇناھكار ئەتلىك قىياپەتتە گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئەتتىكى مەۋجۇت گۇناھنى [ئۆلۈمگە] مەھكۇم قىلىۋەتتى؛  

لېكىن ئىسرائىل ھەققانىيلىقنى كۆرسەتكەن تەۋرات قانۇنىغا ئىنتىلگىنى بىلەن قانۇننىڭ تەلىپىگە يېتەلمىدى.

چۈنكى ئىنسان قەلبىدە ئېتىقاد قىلىش بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ، ئېغىزىدا ئېتىراپ قىلىش بىلەن نىجاتقا ئېرىشىدۇ.

لېكىن ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد-ساداقەتلىكى بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ دەپ بىلىمىز. شۇڭا تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى مەسىھگە باغلانغان ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن بىزمۇ مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلدۇق ــ چۈنكى ھېچ ئەت ئىگىسى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ھەققانىي قىلىنمايدۇ» ــ دېدىم.  

مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ يات ئەللىكلەرنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىشى ئارقىلىق ئۇلارنى ھەققانىي قىلىدىغانلىقى ئالدىنئالا كۆرۈلۈپ، خۇدانىڭ ئىبراھىمغا: «سەندە بارلىق ئەل-مىللەتلەرگە بەخت ئاتا قىلىنىدۇ» دەپ خۇش خەۋەرنى ئالدىن ئېيتقانلىقى خاتىرىلەنگەنىدى.  

ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە زىتمۇ؟ ياق، ھەرگىز! ئەگەر بىرەر قانۇن ئىنسانلارنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرەلەيدىغان بولسا، ئۇنداقتا ھەققانىيلىق جەزمەن شۇ قانۇنغا ئاساسلانغان بولاتتى.

خۇداغا بولغان قىزغىنلىقىمغا كەلسەك، جامائەتكە زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئىدىم؛ تەۋرات قانۇنى تەلەپ قىلغان ھەققانىيلىققا كەلسەك، ئەيىبىسىز ئىدىم؛  

مانا بۇلار رەسىمدەك ھازىرقى زاماننى روشەنلەشتۈرىدىغان بىر خىل ئوبراز، خالاس. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ چېدىردا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار ئىبادەت قىلغۇچىنى ۋىجدانىدا پاك-كامىل قىلالمايدۇ.

ھەر كاھىن ھەر كۈنى ئىبادەت خىزمىتىدە تۇرىدۇ، شۇنداقلا گۇناھلارنى ھەرگىز ساقىت قىلالمايدىغان ئوخشاش خىلدىكى قۇربانلىقلارنى [خۇداغا] قايتا-قايتا سۇنىدۇ.