ئۇلارنىڭ تۈپتۈز پۇتلىرى بار ئىدى؛ تاپانلىرى بولسا موزاينىڭ تۇياقلىرىغا ئوخشايتتى؛ ئۇلار پارقىرىتىلغان مىستەك پارلاپ تۇراتتى.
TSK
TSK · دانىيال 10:6
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
چاقلارنىڭ شەكلى ۋە ياسىلىشى بېرىل ياقۇتنىڭ كۆرۈنۈشىدە ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ بىرخىللا كۆرۈنۈشى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ شەكلى ۋە ياسىلىشى بولسا، چاقنىڭ ئىچىدە چاق باردەك ئىدى.
مەن قارىدىم، مانا، ئوتنىڭ قىياپىتىدە بىر زاتنىڭ كۆرۈنۈشى تۇراتتى؛ بېلىنىڭ تۆۋىنى ئوت تۇرقىدا تۇراتتى؛ بېلىنىڭ ئۈستى بولسا جۇلالىغان يورۇقلۇق، قىزىتىلغان مىس پارقىرىغاندەك كۆرۈنۈش تۇراتتى.
ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، يۈزى قۇياشتەك پارلىدى، كىيىملىرى نۇردەك ئاپئاق بولۇپ چاقنىدى.
ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچىسىغا پۇتلىرىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان تون كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى كۆرۈندى.
شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قاتتىق ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى. ئۇ ۋارقىرىغاندا، يەتتە گۈلدۈرماما ئۆز ئاۋازلىرىنى ئاڭلىتىپ سۆز قىلدى.
بەشىنچىسى قىزىل ھېقىق، ئالتىنچىسى قىزىل قاشتاش، يەتتىنچىسى سېرىق كۋارتس، سەككىزىنچىسى سۇس يېشىل ياقۇت، توققۇزىنچىسى توپاز، ئونىنچىسى يېشىل كۋارتس، ئون بىرىنچىسى سۆسۈن ياقۇت ۋە ئون ئىككىنچىسى پىروزا ئىدى.