«پارس پادىشاھى قورەش مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاسمانلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ماڭا بەردى؛ ئۇ شۇنداقلا مېنى يەھۇدا زېمىنىغا جايلاشقان يېرۇسالېمدا ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىشقا بۇيرۇدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاراڭلاردا خۇدانىڭ خەلقى بولغان ھەرقايسىڭلارغا بولسا، ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاي، ئۇ شۇ يەرگە چىقسۇن!» دېدى.
TSK
TSK · دانىيال 5:28
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ــ ئازابلىق بىر ۋەھىي-كۆرۈنۈش ماڭا ئايان قىلىندى؛ خائىن خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ، بۇلاڭچى بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ. «ئى ئېلام، ئورنۇڭدىن تۇر، چىق! مېدىئا، مۇھاسىرە قىلىپ قورشىۋال!» ئۇنىڭ سەۋەبىدىن كۆتۈرۈلگەن ھەممە نالە-پەريادلارنى تۈگىتىۋەتتىم.
بىراق بالايىئاپەت سېنى بېسىپ كېلىدۇ؛ سەن ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلمەيسەن؛ ھالاكەت بېشىڭغا چۈشىدۇ؛ سەن ھېچقانداق «ھامىي پۇلى» بىلەن ئۇنى توسالمايسەن؛ سەن ھېچ كۈتمىگەن ۋەيرانچىلىق تۇيۇقسىز سېنى بېسىپ چۈشىدۇ.
ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا ئەللەرنى تەييارلاڭلار، ــ مېدىئالىقلارنىڭ پادىشاھلىرى، ۋالىيلىرى ۋە بارلىق ھۆكۈمدارلىرىنى، شۇنداقلا ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن زېمىنلارنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى تەييارلاڭلار!
ئۆزلىرىدىن كېيىن يەنە بىر پادىشاھلىق كېلىدۇ. لېكىن ئۇ سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا يەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچىنچى بىر پادىشاھلىق، يەنى مىس پادىشاھلىق كېلىپ پۈتكۈل يەر يۈزىگە ھاكىم بولىدۇ. گرېتسىيە
دانىيالنىڭ بولسا شۇ ئىشلاردىن كېيىن دارىئۇس ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە، شۇنداقلا پارس پادىشاھى قۇرەش ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلاردا ئىشلىرى راۋان يۈرۈشتى.
سەن كۆرگەن ئىككى مۈڭگۈزلۈك قوچقار مېدىئا بىلەن پارس پادىشاھلىرىنى كۆرسىتىدۇ.