TSK

TSK · دانىيال 7:4

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

سائۇل بىلەن يوناتان ھايات ۋاقتىدا سۆيۈملۈك ھەم يېقىملىق ئىدى، ئۇلار ئۆلۈمىدىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىدى؛ ئۇلار بۈركۈتلەردىن چاققان، شىرلاردىن كۈچلۈك ئىدى.

ئۇلارنى دەككە-دۈككىگە چۈشۈر، ئى پەرۋەردىگار؛ ئەللەر ئۆزلىرىنى بىز پەقەت ئادەم بالىلىرى خالاس، دەپ بىلسۇن! سېلاھ!

سەن ئەسلىدە كۆڭلۈڭدە: ــ «مەن ئاسمانلارغا چىقىمەن، تەختىمنى خۇدانىڭ يۇلتۇزلىرىدىن ئۈستۈن قىلىمەن؛ مەن جامائەتنىڭ تېغىدا، يەنى شىمال تەرەپلەردىمۇ ئولتۇرىمەن؛  

مانا، ئۇ توپ بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قارا قۇيۇندەكتۇر، ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېزدۇر! ــ «ھالىمىزغا ۋاي! چۈنكى بىز نابۇت بولدۇق!»

پەرۋەردىگار ئۆز ئۇۋىسىنى تاشلاپ چىققان شىردەكتۇر؛ ئەزگۈچىنىڭ ۋەھشىيلىكى تۈپەيلىدىن، ۋە [پەرۋەردىگارنىڭ] دەھشەتلىك غەزىپى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ زېمىنى ۋەيرانە بولماي قالمايدۇ.

مانا، ئىئوردان دەرياسىدىكى چاۋار-چاتقاللىقتىن چىقىپ، دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ سۇلار بويىدىكى يايلاقتىكى [قويلارنى] تارقاتقان بىر شىردەك مەن [ئېدومدىكىلەرنى] بەدەر قاچقۇزىمەن. ئەمدى كىمنى خالىسام مەن ئۇنى ئېدومنىڭ ئۈستىگە تىكلەيمەن؛ چۈنكى ماڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم مېنىڭدىن ھېساب ئېلىشقا مېنى چاقىرالايدۇ؟ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرالايدىغان پادا باققۇچى بارمۇ؟   

ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ شاھزادىسىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ: «مەن بىر ئىلاھتۇرمەن؛ مەن خۇدانىڭ تەختىگە، يەنى دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ باغرىدا ئولتۇرىمەن»، دېگەنسەن؛ (بىراق سەن ئىنسان، خۇدا ئەمەسسەن!) سەن ئۆز كۆڭلۈڭنى خۇدانىڭ كۆڭلى دەپ ئويلاپ قالدىڭ.

ئىنسان بالىلىرى، ھايۋاناتلار، ئۇچار-قاناتلار مەيلى قەيەردە تۇرسۇن، خۇدا ئۇلارنى قوللىرىغا تاپشۇرۇپ سىلىنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھاكىم قىلدى. سىلى ئۇ ھەيكەلنىڭ ئالتۇن بېشىدۇرسىلا. پارس ئىمپېرىيەسى

شۇئانلا ئەقىل-ھوشۇم ئەسلىگە كەلدى؛ پادىشاھلىقىمنىڭ شان-شەرىپى، ئىززىتىم، پادىشاھلىق ھەيۋەممۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. مەسلىھەتچى ۋەزىرلىرىم ۋە ئەمىر-ئېسىلزادىلىرىم مېنى ئىزدەپ كەلدى. پادىشاھلىقىم مۇستەھلەملەندى؛ بۇرۇنقىدىنمۇ زور ھەيۋىگە يېڭىباشتىن ئىگە بولدۇم.

قالغان ئۈچ مەخلۇق بولسا، ھاكىمىيىتىدىن مەھرۇم قىلىندى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆمرى يەنە بىر مەزگىل ئۇزارتىلدى.

بەرھەق، شاراب ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ ــ ئۇ تەكەببۇر ئادەم، ئۆيدە تىنىم تاپمايدۇ، ھەۋىسىنى تەھتىسارادەك يوغان قىلىدۇ؛ ئۇ ئۆلۈمدەك ھېچقاچان قانمايدۇ؛ ئۆزىگە بارلىق ئەللەرنى يىغىدۇ، ھەممە خەلقنى ئۆزىگە قارىتىۋالىدۇ.