شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئىشلار توختىدى؛ ئىش تاكى پارس پادىشاھى دارىئۇس تەختكە چىقىپ ئىككىنچى يىلىغىچە توختاغلىق قالدى.
TSK
TSK · دانىيال 9:25
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇ ئىشلاردىن كېيىن پارس پادىشاھى ئارتاخشاشتا سەلتەنەت سۈرگەن مەزگىلدە ئەزرا دېگەن كىشى [بابىلدىن يېرۇسالېمغا چىقتى]. ئۇ سېرايانىڭ ئوغلى، سېرايا ئازارىيانىڭ ئوغلى، ئازارىيا ھىلقىيانىڭ ئوغلى،
مانا بۇ پادىشاھ ئارتاخشاشتا كاھىن ھەم تەۋراتشۇناس ئەزراغا تاپشۇرغان يارلىق خېتىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى: ــ (ئەزرا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ئائىت ئىشلارغا ھەم ئۇنىڭ ئىسرائىللارغا تاپشۇرغان بەلگىلىمىلىرىگە پىشقان تەۋراتشۇناس ئىدى): ــ
ئاندىن پادىشاھقا: ــ ئەگەر پادىشاھىمنىڭ كۆڭلىگە مۇۋاپىق كۆرۈنسە، قۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسا، مېنى يەھۇدىيەگە ئەۋەتكەن بولسىلا، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قەبرىلىرى جايلاشقان شەھەرگە بېرىپ، ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقسام، دېدىم.
شۇ چاغدا باش كاھىن ئەلىياشىب ۋە ئۇنىڭ كاھىن قېرىنداشلىرى قوپۇپ «قوي قوۋۇقى»نى يېڭىۋاشتىن ياساپ چىقتى؛ ئۇلار قوۋۇقنىڭ قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، ئۇنى [خۇداغا] ئاتاپ مۇقەددەس دەپ بېكىتتى؛ ئۇلار «يۈزنىڭ مۇنارى» بىلەن «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»غىچە بولغان ئارىلىقتىكى سېپىلنى ئوڭشاپ، ئۇنى مۇقەددەس دەپ بېكىتتى؛
بىرلىكتە يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشنى قەستلەشتى.
ئېلۇل ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى سېپىل پۈتتى، پۈتۈن قۇرۇلۇشقا ئەللىك ئىككى كۈن ۋاقىت كەتتى.
ئۆلتۈرۈش ۋاقتى بار، ساقايتىش ۋاقتى بار؛ بۇزۇش ۋاقتى بار، قۇرۇش ۋاقتى بار؛
مانا، مەن ئۇنى ئەل-يۇرتلارغا گۇۋاھچى سۈپىتىدە، ئەل-يۇرتلارغا يېتەكچى ھەم سەركەردە سۈپىتىدە تەقدىم قىلدىم ــ
ئۆز ئۇستاتلىقى بىلەن ئۇنىڭ نازارىتى ئاستىدا ھەرقانداق ھىيلە-مىكىرلىك خېلى روناق تاپىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تۇيۇقسىز زەرب قىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھالاك قىلىدۇ؛ ئۇ ھەتتا ئوچۇقتىن ئوچۇق «ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى»گە قارشى چىقىدۇ. لېكىن ئۇ ئاخىردا ئىنسانلارنىڭ قولىسىز ھالاك قىلىنىدۇ.
ئەمدى ئۆزۈڭلار قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يىغىلىڭلار، ئى قوشۇن قىزى؛ چۈنكى بىرسى بىزنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ ھاكىم-سوراقچىسىنىڭ مەڭزىگە ھاسا بىلەن ئۇرىدۇ؛
لېكىن ياخشى يەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز-كالامنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھوسۇل بېرىدۇ، بىرسى يۈز ھەسسە، بىرسى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بىرسى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ.
«ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نىڭ ئۆزى تۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يەردە تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەي) يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن.
ئايال ئۇنىڭغا: ــ مەسىھنىڭ، يەنى «خرىستوس» دېگەننىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ كەلگەندە، بىزگە ھەممە ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ ــ دېدى.
خۇدا ئىسرائىل خەلقىنى توۋا قىلىشقا ۋە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈلىشىكە مۇيەسسەر قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى ئۇلۇغلاپ يېتەكچى ھەم قۇتقۇزغۇچى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ ئولتۇرغۇزدى.
ۋاقىت-پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ تۇتۇۋېلىڭلار؛ چۈنكى مۇشۇ دەۋر رەزىلدۇر.
ئۇنىڭ تونى ۋە يوتىسى ئۈستىگە «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە رەبلەرنىڭ رەببى» دېگەن نام يېزىلغانىدى.