TSK

TSK · يارىتىلىش 21:14

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئەمما پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا، يەنى شۇر يولىنىڭ بويىدىكى بۇلاقنىڭ يېنىدىن تېپىپ، ئۇنىڭغا:

بۇ ئىككىسى شۇ يەردە قەسەم قىلىشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ شۇ جاينى «بەئەر-شېبا» دەپ ئاتىدى.

ئەتىسى ئىبراھىم سەھەر قوپۇپ، ئېشىكىنى توقۇپ، يىگىتلىرىدىن ئىككىيلەن بىلەن ئىسھاقنى بىللە ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئوتۇن يېرىپ، خۇدا ئۇنىڭغا ئېيتقان يەرگە قاراپ ماڭدى.

ئاندىن ئۇ ۋە ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ، شۇ يەردە قونۇپ قالدى. ئەتىسى سەھەردە قوپۇپ، ئۇ ئۇلارغا: مېنى خوجامنىڭ قېشىغا يولغا سېلىپ قويۇڭلار، دېۋىدى،

ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئۇلار قوپۇپ بىر-بىرىگە قەسەم قىلىشتى؛ ئاندىن ئىسھاق ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ قېشىدىن ئامان-ئېسەن كەتتى.

ياقۇپ ئەتىسى سەھەر قوپۇپ، بېشىنىڭ ئاستىغا قويغان تاشنى ئېلىپ، [خاتىرە] تۈۋرۈك سۈپىتىدە تىكلەپ، ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيۇپ قويدى.  

شۇ يەردە بىرسى ئۇنىڭ دالادا تېنەپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ نېمە ئىزدەۋاتىسەن، دەپ سورىدى.

يەشۇئا ئەتىسى تاڭ سەھەردە تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن شىتتىمدىن ئايرىلىپ ئىئوردان دەرياسىغا كەلدى؛ ئۇلار دەريادىن ئۆتكۈچە شۇ يەردە بارگاھ تىكىپ تۇردى.

ئۇ بۇنى بىلگەندە، ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماق ئۈچۈن قېچىپ يەھۇدا تەۋەسىدىكى بەئەر-شېباغا باردى. ئۇ ئۇ يەردە ئۆز خىزمەتكارىنى قالدۇرۇپ قويۇپ،

ئۇلار چۆل-باياۋاننى كېزىپ پىنھان يولدا ئاداشتى، ئادەم ماكانلاشقان ھېچبىر شەھەرنى تاپالماستىن.

قاق سەھەردە تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا دوستىغا بەخت تىلىگەنلىك، ئۆزىنى قارغاش ھېسابلىنار.

ھەشبون رايونىدىكى ئېتىزلار، سىبماھدىكى ئۈزۈم تاللىرىمۇ يىگلەپ كېتىدۇ؛ ئەللەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭ سەرخىل ئۆسۈملۈكلىرىنى بۇزۇپ چەيلەيدۇ؛ ئۇلار ئەسلىدە يائازەرگىچە يېتىپ، چۆل-دالالارنى كەزگەنىدى؛ پېلەكلىرى سوزۇلۇپ، «[ئۆلۈك] دېڭىز»نىڭ نېرىسىغا يەتتى.  

دېدەكتىن بولغان ئوغۇل «ئەت بىلەن» تۇغۇلغان؛ ھۆر ئايالىدىن بولغان ئوغۇل بولسا خۇدانىڭ ۋەدىسى ئارقىلىق تۇغۇلغاندۇر.