TSK

TSK · ئايۇپ 10:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

دەرۋەقە ھەممىمىز چوقۇم ئۆلۈپ، يەرگە تۆكۈلگەن، قايتىدىن يىغىۋالغىلى بولمايدىغان سۇدەك بولىمىز. لېكىن خۇدا ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىشقا ئەمەس، بەلكى ئۆز پالانغىنىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە ئىلاج قىلىدۇ.

مۇشۇلار بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا مەن مەڭگۈ تىنچ يېتىپ قالاتتىم، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن بولاتتىم، شۇ چاغدا ئارام تاپقان بولاتتىم.

بۇلۇت غايىب بولۇپ، قايتا كۆرۈنمىگەندەك، ئوخشاشلا تەھتىساراغا چۈشكەن ئادەم قايتىدىن چىقمايدۇ.

چۈنكى يەنە بىرنەچچە يىل ئۆتۈشى بىلەنلا، مەن بارسا قايتماس يولدا مېڭىپ قالىمەن.

ھەتتا مەن ئۆلۈم سايىسى بولغان جىلغىدىن ئۆتسەممۇ، ھېچ يامانلىقتىن قورقمايمەن؛ چۈنكى سەن مەن بىلەن بىللىدۇرسەن؛ سېنىڭ ھاساڭ ھەم تايىقىڭ ماڭا تەسەللىدۇر.

سەن مېنى ھاڭنىڭ ئەڭ تېگىگە، زۇلمەتلىك جايلارغا، دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە چۆمدۈردۈڭ.

بىراق مەن بولسام، پەرۋەردىگار، ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، تاڭ سەھەردە دۇئايىم ئالدىڭغا كىرىدۇ.

شۇڭا بىرسى كۆپ يىل ياشىغان بولسا، بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ھۇزۇر ئالسۇن. ھالبۇكى، ئۇ يەنە قاراڭغۇلۇق كۈنلىرىنى ئېسىدە تۇتسۇن، چۈنكى ئۇلار كۆپ بولىدۇ؛ كەلگۈسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىمەنىلىكتۇر!

ئۇلار ھېچقاچان: «بىزنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىرىپ، باياۋاندىن، يەنى چۆل-دەشت ۋە تىك ئازگاللار بىلەن قاپلانغان جايلاردىن، قۇرغاقچىلىق ۋە ئۆلۈم سايىسى ئوراپ تۇرغان يەرلەردىن، ئادەمزات ئۆتمەيدىغان ھەمدە ئىنسان تۇرمايدىغان شۇ باياۋاندىن بىزنى ئۆتكۈزگەن پەرۋەردىگار قېنى؟» دەپ سوراپ قويۇشماپتىغۇ؟