«سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازى! مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ! تاغلاردىن سەكرەپ، ئېدىرلاردىن ئويناقلاپ كېلىۋاتىدۇ!
TSK
TSK · يۇھاننا 10:4
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
مەن چوقۇم سېنى بىر پۈتۈن قىلىپ ئۇيۇشتۇرىمەن، ئى ياقۇپ؛ مەن چوقۇم ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى يىغىمەن؛ مەن ئۇلارنى بوزراھدىكى قويلاردەك، ئۆز يايلىقىدا يىغىلغان بىر پادىدەك جەم قىلىمەن؛ ئۇلار ئادىمىنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭلۇققا تولىدۇ.
كېلىنچەكنى ئەمرىگە ئالغۇچى يىگىتتۇر؛ قولدىشى يىگىتنىڭ ئاۋازىنى كۈتىدۇ؛ قولداش ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قەلبىدە تولىمۇ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەندىمۇ خۇرسەنلىك تولۇپ تاشىدۇ.
بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ۋە ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ.
مەن سىلەرگە قىلغاندەك سىلەرنىڭمۇ ھەم شۇنداق قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ ئۈلگىنى قالدۇردۇم.
شۇڭا پىلاتۇس ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا، سەن پادىشاھمۇ؟ ئەيسا جاۋابەن: ــ شۇنداق، ئېيتقىنىڭدەك، پادىشاھمەن. مەن شۇنىڭغا تۇغۇلغانمەن، ۋە شۇنىڭغا دۇنياغا كەلدىم: ــ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىشىم ئۈچۈندىن ئىبارەتتۇر. ھەقىقەتكە تەۋە بولغان ھەربىر كىشى بولسا مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالىدۇ، ــ دېدى.
شۇڭا خۇدانىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ، ئۇنى ئۈلگە قىلىڭلار؛ ھەمدە مەسىھ بىزنى سۆيۈپ، ئۆزىنى بىز ئۈچۈن خۇداغا خۇشپۇراق سۈپىتىدە ھەدىيە-قۇربانلىق بولۇشقا ئاتاپ پىدا قىلغاندەك سىلەرمۇ مۇھەببەت ئىچىدە مېڭىڭلار.
ئۇ يەرگە بىز ئۈچۈن يول ئېچىپ ماڭغۇچى ئەيسا بىزدىن ئاۋۋال كىرگەن بولۇپ، مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە مەڭگۈلۈك تەيىنلەنگەن باش كاھىن بولدى.
چۈنكى سىلەر دەل شۇنىڭغا چاقىرىلدىڭلار. چۈنكى مەسىھمۇ سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىزىدىن ماڭسۇن دەپ، سىلەرگە ئۈلگە قالدۇردى؛
خۇدانىڭ پادىسىغا غوجىنىڭ ئۆز تەئەللۇقاتلىرىغا بولغىنىدەك بولماي، بەلكى ئۇلارغا ئۈلگە بولۇڭلار.