TSK

TSK · لۇقا 21:33

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ، بىراق سەن داۋاملىق تۇرىۋېرىسەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنى كونا تون كەبى ئالماشتۇرساڭ، شۇندا ئۇلار كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك يەڭگۈشلىنىدۇ.

بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئاسمانلارغا، ئاستىڭلاردا تۇرغان يەر-زېمىنغىمۇ قاراپ بېقىڭلار؛ چۈنكى ئاسمانلار ئىس-تۈتەكتەك غايىب بولىدۇ، يەر-زېمىن بولسا بىر تال كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدۇ؛ بىراق نىجاتىم بولسا ئەبەدىلئەبەدگىچىدۇر، مېنىڭ ھەققانىيلىقىم ھەرگىز يانجىلمايدۇ.

ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.

بىراق رەبنىڭ سۆز-كالامى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!» سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن خۇش خەۋەردە جاكارلانغان سۆز-كالام دەل شۇدۇر.

ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ يۈزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۇلار تۇرغان جاي ھەرگىز تېپىلمايدۇ.