TSK
TSK · ماركۇس 4:3
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئى ئوغۇللىرىم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، دېگەنلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار،
سەھەردە ئۇرۇقۇڭنى تېرىغىن، كەچتىمۇ قولۇڭنى ئىشتىن قالدۇرما؛ چۈنكى نېمە ئىشنىڭ، ئۇ ياكى بۇ ئىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن.
ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، شۇنداقلا ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قالدىسى، ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ ئۈستۈمگە ئارتىلغانلار، بالىياتقۇدىكى چاغدىن تارتىپ كۆتۈرۈلۈپ كەلگەنلەر، ــ ماڭا قۇلاق سېلىڭلار!
ھوي! بارلىق ئۇسساپ كەتكەنلەر، سۇغا كېلىڭلار! پۇلى يوقلار، كېلىڭلار، ئاش-نان سېتىۋېلىپ يەڭلار؛ مانا كېلىڭلار، نە پۇل نە بەدەل تۆلىمەيلا شاراب ھەم سۈت سېتىۋېلىڭلار؛
ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەنە بىر تەمسىلنى بايان قىلدى: ــ ــئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئېتىزىغا ياخشى ئۇرۇقنى چاچقان بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ.
ــ ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! ــ دېدى ئۇ.
ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن!
ئاندىن خالايىقنى يەنە يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: ــ ھەممىڭلار ماڭا قۇلاق سېلىڭلار ۋە شۇنى چۈشىنىڭلاركى،
ــ سىلەر: «ھوسۇل يېغىشقا يەنە تۆت ئاي قالدى» دەۋاتمامسىلەر؟ مانا، سىلەرگە ئېيتايكى، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارغا قاراڭلار، زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولدى!
مەن تىكتىم، ئاپوللوس سۇغاردى؛ ئەمما ئۆستۈرگۈچى بولسا خۇدادۇر.
قۇلاق سېلىڭلار، ئى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم ــ خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقادتا باي بولۇش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولۇشقا تاللىغان ئەمەسمۇ؟
قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلار ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ زىيىنىغا ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ!».