TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 13:20

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۇلار «ئەشكول جىلغىسى»غا كەلدى، ئۇ يەردە بىر ساپ ئۈزۈمى بار بىر ئۈزۈم شېخىنى كېسىپ، بىر بالداققا ئېسىپ ئىككى ئادەمگە كۆتۈرگۈزۈپ ماڭدى؛ ئۇلار ئازراق ئانار بىلەن ئەنجۈرمۇ ئېلىپ قايتىپ كەلدى.

ئۇلار قوللىرىغا شۇ زېمىندىكى مېۋىلەردىن ئېلىپ بىزگە كەلتۈردى ۋە مەلۇمات بېرىپ: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە تەقدىم قىلغان بۇ زېمىن ياخشىدۇر» ــ دېدى.

ئاندىن مۇسا يەشۇئانى چاقىرىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ: «سەن جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن؛ چۈنكى بۇ خەلق پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم قىلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرگەندە سەن ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشىڭ كېرەك؛ سەن ئۇلارغا ئۇنى ئىگىلىتىپ مىراس قىلدۇرىسەن.

سەن جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن؛ چۈنكى سەن بۇ خەلقنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بېرىشكە قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا مىراسخور قىلىپ ئىگىلىتىسەن.

ئاندىن كېيىن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ئىككى چارلىغۇچىنى شىتتىمدىن ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر بېرىپ ئۇ زېمىننى، بولۇپمۇ يېرىخو شەھىرىنى چارلاپ كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، راھاب ئاتلىق بىر پاھىشىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قوندى.

ئۇ ئىككىسى ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تاغقا چىقىپ، قوغلىغۇچىلار [شەھەرگە] قايتىپ كەتكۈچە ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردى. قوغلىغۇچىلار يول بويىدىكى ھەممە يەرنى ئىزدەپمۇ ئۇلارنى تاپالمىدى.

ئۇلار مۇستەھكەم شەھەرلەرنى، مۇنبەت يەرلەرنى ئىشغال قىلىپ، ھەرخىل ئېسىل بۇيۇملارغا تولغان ئۆيلەرگە، كولاپ قويۇلغان قۇدۇقلارغا، ئۈزۈمزارلىقلار، زەيتۇنلۇقلار ۋە ئىنتايىن كۆپ مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئىگە بولدى؛ يەپ-ئىچىپ سەمرىپ، سېنىڭ زور مېھرىبانلىقىڭدىن سۆيۈنۈشتى!

مەن ئۇلارنى ئېسىل چىمەنزاردا باقىمەن؛ ئىسرائىل تاغلىرى ئۇلارنىڭ يايلىقى بولىدۇ؛ ئۇلار شۇ يەردە ئوبدان يايلاقتا ياتىدۇ؛ ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە، مۇنبەت چىمەنزاردا ئوزۇقلىنىدۇ.

شۇڭا، يۈرەكلىك بىلەن ئېيتالايمىزكى، «پەرۋەردىگار مېنىڭ ياردەمچىمدۇر، ھېچ قورقمايمەن، كىشىلەر مېنى نېمە قىلالىسۇن؟»