چۈنكى مەن قولۇمنى ئاسمانلارغا كۆتۈرۈپ: ــ «ئەبەدگىچە ھاياتتۇرمەن» دەپ ئېيتىپ،
TSK
TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 14:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇنىڭ شەرەپلىك نامىغا مەڭگۈگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى پۈتكۈل دۇنيانى قاپلىغاي! ئامىن! ۋە ئامىن!
بېشىڭنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئەتراپىڭغا قاراپ باق! ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەم بولۇپ قېشىڭغا قايتىپ كېلىۋاتىدۇ! ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭگە زىبۇ-زىننەتلەر قىلىپ كىيىسەن؛ تويى بولىدىغان قىزدەك سەن ئۇلارنى تاقايسەن؛
شۇڭا، مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ چۈنكى سەن مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ئۆزۈڭنىڭ بارلىق لەنەتلىك نەرسىلىرىڭ ھەم بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭ بىلەن بۇلغىغىنىڭ تۈپەيلىدىن، بەرھەق، مەن سىلەرنى قىرغىن قىلىمەن؛ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن.
ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئۈستىدىن مىسىر زېمىنىدىكى چۆل-باياۋانغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالغىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن يۈز تۇرانە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بەرھەق، خارابە جايلاردا تۇرۇۋاتقانلار قىلىچلىنىپ يىقىلىدۇ؛ دالادا قالغاننى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يەۋېتىشكە تاپشۇرىمەن؛ ئىستىھكاملار ۋە غارلاردا تۇرغانلارمۇ ۋابا كېسىلىدىن ئۆلىدۇ.
شۇڭا مەن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، موئاب جەزمەن خۇددى سودومدەك، ئاممونىيلار خۇددى گوموررادەك بولىدۇ ــ يەنى چاققاقلار ۋە شورلۇقلار قاپلانغان جاي، دائىم بىر چۆل-جەزىرە بولىدۇ؛ ھەم خەلقىمنىڭ قالدىسى ئۇلاردىن ئولجا ئالىدۇ، قوۋمىمنىڭ قالغانلىرى بۇلارغا ئىگە بولىدۇ.