ئەمدى ئۇ كىشىنىڭ ئايالىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەر؛ چۈنكى ئۇ پەيغەمبەر، ئۇ سېنىڭ ھەققىڭدە دۇئا قىلىدۇ ۋە سەن تىرىك قالىسەن. ئەگەر ئۇنى ياندۇرۇپ بەرمىسەڭ شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سەن ۋە ھەممە ئادەملىرىڭ قوشۇلۇپ جەزمەن ئۆلىسىلەر، ــ دېدى.
TSK
TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 21:7
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
پىرەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: ــ پاقىلارنى مەندىن ۋە خەلقىمدىن نېرى قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈڭلار. شۇنداق بولسا، مەن خەلقىڭنى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلسۇن دەپ قويۇپ بېرىمەن، دېدى.
پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ ئۇلارغا: ــ مەن بۇ قېتىم گۇناھ قىلدىم! پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ سەۋەنلىك بولسا مەن ۋە خەلقىمدىن ئۆتتى.
ئەمدى مۇشۇ بىر قېتىم گۇناھىمدىن ئۆتۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن بۇ ئۆلۈمنى مەندىن ئېلىپ كېتىشىنى ئىلتىجا قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى.
ئەتىسى مۇسا خەلققە سۆز قىلىپ: ــ سىلەر دەرۋەقە ناھايىتى ئېغىر بىر گۇناھ سادىر قىلدىڭلار. ئەمدى مانا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا چىقىمەن؛ گۇناھىڭلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرەلەيمەنمىكىن، ــ دېدى.
ئەمدى ئۆتۈنىمەنكى، رەببىم قۇدرىتىڭنى جارى قىلدۇرغايسەن، ئۆزۈڭنىڭ:
شۇڭا مەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: «ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭ ئارقىلىق ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ سېتىۋالغان، مىسىردىن كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن چىقارغان ئۆز خەلقىڭ بولغان مىراسىڭنى يوقاتمىغايسەن؛
سائۇل سامۇئىلغا: ــ مەن گۇناھ سادىر قىلدىم، چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدىن ۋە سېنىڭ سۆزۈڭدىنمۇ چىقتىم؛ چۈنكى مەن خەلقتىن قورقۇپ ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىردىم.
پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىدىن: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن مېنىڭ ھەققىمدە ئۆتۈنگەيسەنكى، قولۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەي، دەپ يالۋۇردى. خۇدانىڭ ئادىمى پەرۋرەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىنى ئۆتۈنگىنىدە، پادىشاھنىڭ قولى يەنە ئۆزىگە يىغىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
شۇنىڭ بىلەن ئايۇپ دوستلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنى ئازاب-قىيىنچىلىقلىرىدىن قايتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئايۇپقا بۇرۇنقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بەردى.
ئۇ ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن دېگەنىدى ــ ئۆز تاللىغىنى مۇسا قەھرىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئارىچى بولۇپ تىك تۇرمىغان بولسا، ــ دەرۋەقە شۇنداق قىلغان بولار ئىدى.
پادىشاھ زەدەكىيا شەلەمىيانىڭ ئوغلى يەھۇكالنى ھەم كاھىن مائاسېياھنىڭ ئوغلى زەفانىيانى يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغايسەن» ــ دېگۈزدى
ــ مەن بىگۇناھ بىر جاننىڭ قېنى تۆكۈلۈشكە ساتقۇنلۇق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، ــ دېدى. بۇنىڭغا بىزنىڭ نېمە كارىمىز؟ ئۆز ئىشىڭنى بىل! ــ دېيىشتى ئۇلار.
قېرىنداشلار، يۈرەك ئىنتىزارىم، شۇنداقلا خۇداغا يېلىنىشىم ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈندۇر.