TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 27:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئاندىن مۇسا ئۇنىڭغا «قوشېن»نى تاقاپ، قوشېننىڭ ئىچىگە «ئۇرىم بىلەن تۇممىم»نى سېلىپ،   

ئۇ لاۋىي توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ــ «سېنىڭ ئۇرىم ۋە تۇممىم تاشلىرىڭ سېنىڭ بۇ مۇقەددەس بەندەڭگە تاپشۇرۇلغان؛ سەن ئۇنى ماسساھدا سىنىدىڭ، مەرىباھنىڭ سۇلىرىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن تالاشتىڭ.

ۋە يەشۇئا ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: ــ بىزدىن كىم ئاۋۋال چىقىپ قانائانىيلار بىلەن سوقۇشسۇن؟ ــ دەپ سورىدى.  

[سەپ تۈزۈشتىن ئاۋۋالقى ئاخشىمى] ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، كەچ كىرگۈچە پەرياد قىلىپ يىغلاپ، پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: ــ بىز ئۆز قېرىندىشىمىز بولغان بىنيامىن نەسىللىرى بىلەن يەنە ئۇرۇشۇشقا چىقساق بولامدۇ، بولمامدۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، دېدى.

سائۇل كاھىنغا سۆز قىلىۋاتقاندا فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدا بولغان غەلۋە بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. سائۇل كاھىنغا: ــ قولۇڭنى يىغقىن، دېدى.

داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى قەستلەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئابىياتار كاھىنغا: ــ ئەفودنى ئېلىپ كەلگىن، دېدى.

داۋۇت ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى كاھىن ئابىياتارغا: ــ ئەفودنى يېنىمغا ئېلىپ كەلگىن، دېدى.

ۋالىي ئۇلارغا: ــ ئۇرىم ۋە تۇممىمنى كۆتۈرگۈچى كاھىن ئارىمىزدا خىزمەتتە بولغۇچە «ئەڭ مۇقەددەس يىمەكلىكلەر»گە ئېغىز تەگكۈزمەيسىلەر، دېدى.