نېمىشقا، ئى پەرۋەردىگار، يىراقتا تۇرىسەن؟ نېمىشقا ئازابلىق كۈنلەردە ئۆزۈڭنى يوشۇرىسەن؟
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 15:29
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
كۆڭلۈمدە گۇناھنى كۆزلەپ يۈرگەن بولسام، رەب [دۇئايىمنى] ئاڭلىمىغان بولاتتى.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئالىيدۇر؛ بىراق ئۇ ھالى بوشلارغا نەزەر سالىدۇ؛ تەكەببۇلارنى بولسا ئۇ يىراقتىن تونۇپ يېتىدۇ.
يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ دۇرۇسلارنىڭ دۇئاسى ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر.
بىراق سىلەرنىڭ قەبىھلىكىڭلار سىلەرنى خۇدايىڭلاردىن يىراقلاشتۇردى، گۇناھىڭلار ئۇنىڭ يۈزىنى سىلەردىن قاچۇرۇپ تىلىكىڭلارنى ئۇنىڭغا ئاڭلاتقۇزمىدى.
بىز بىلىمىزكى، خۇدا گۇناھكارلارنىڭ تىلەكلىرىنى ئاڭلىمايدۇ؛ بىراق ئۆزىگە ئىخلاسمەن بولۇپ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭكىنى ئاڭلايدۇ.
شۇنداقلا شۇ چاغدا مەسىھسىز بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ پۇقرالىقىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، ۋەدىلەرنى ئېلىپ كەلگۈچى ئەھدىلەرنى يات بىلىپ، بۇ دۇنيادا ئۈمىدسىز ھەم خۇداسىز ياشىغىنىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ يۈزى رەزىللىك يۈرگۈزگۈچىلەرگە قارشى تۇرىدۇ».