لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئادەملەر مەشرىق تەرەپكە سەپەر قىلىپ، شىنار يۇرتىدا بىر تۈزلەڭلىكنى ئۇچرىتىپ، شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى.
TSK
TSK · دانىيال 4:30
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
مەن سالماقچى بولغان ئۆي ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى بىزنىڭ خۇدايىمىز ھەممە ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر.
ئىنسان ئىززەت-ئابرۇيدا بولۇپ، لېكىن يورۇتۇلمىسا، ھالاك بولىدىغان ھايۋانلارغا ئوخشاش بولىدۇ، خالاس.
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇر، ئى جېنىم! ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئىنتايىن ئۇلۇغسەن؛ شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت بىلەن كىيىنگەنسەن؛
تەكەببۇرلۇق بىلەن بىرگە شەرمەندىچىلىك ئەگىشىپ كېلەر؛ لېكىن دانالىق كىچىك پېئىللارغا ھەمراھ بولار.
ئۇ: ــ «مېنىڭ سەردارلىرىمنىڭمۇ ھەممىسى پادىشاھلارغا باراۋەر ئەمەسمۇ؟
ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ شاھزادىسىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ: «مەن بىر ئىلاھتۇرمەن؛ مەن خۇدانىڭ تەختىگە، يەنى دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ باغرىدا ئولتۇرىمەن»، دېگەنسەن؛ (بىراق سەن ئىنسان، خۇدا ئەمەسسەن!) سەن ئۆز كۆڭلۈڭنى خۇدانىڭ كۆڭلى دەپ ئويلاپ قالدىڭ.
ــ ئى ئالىيلىرى، ھەممىدىن ئالىي خۇدا ئاتىلىرى نېبوقادنەسارغا پادىشاھلىق، ئۇلۇغلۇق، شان-شەرەپ ۋە ھەيۋەت بەردى.
قارا، تەكەببۇرلىشىپ كەتكۈچىنى! ئۇنىڭ قەلبى ئۆز ئىچىدە تۈز ئەمەس؛ بىراق ھەققانىي ئادەم ئۆز ئېتىقاد-سادىقلىقى بىلەن ھايات ياشايدۇ.
ئۇ چاغدا سېنى ۋە ئۇنى چاقىرغان ساھىبخانا كېلىپ ساڭا: «بۇ كىشىگە ئورۇن بەرگەيسىز» دەپ قالسا، سەن خىجالەتتە قېلىپ پەگاھغا چۈشۈپ قالىسەن.
شۇڭا سىلەر نېمىنى يېسەڭلار، نېمىنى ئىچسەڭلار ياكى ھەرقانداق باشقا ئىشلارنى قىلساڭلار، ھەممە ئىشلارنى خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈلسۇن دەپ قىلىڭلار.
كاتتا شەھەر ئۈچكە بۆلۈندى؛ ھەرقايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرمۇ غۇلىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن كاتتا شەھەر بابىل خۇدانىڭ يادىغا كېچىپ ئۇنىڭ ئەشەددىي قەھرلىك شارابى بىلەن تولغان قەدەھ ئۇنىڭغا بېرىلدى.
ئۇلار ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ دەيدۇكى: ــ «ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئى كاتتا شەھەر! ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر! چۈنكى بىر سائەت ئىچىدىلا جازايىڭ بېشىڭغا چۈشتى!»
ئەللەر شەھەردىكى يورۇقلۇقتا يۈرىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار شانۇشەۋكىتىنى ئۇنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كېلىدۇ.