سىلەرنى ئەللەرنىڭ ئارىسىغا تارىتىپ، كەينىڭلاردىن قىلىچنى سۇغۇرۇپ قوغلايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن زېمىنىڭلار ۋەيران بولۇپ شەھەرلىرىڭلار خاراب قىلىنىدۇ.
TSK
TSK · دانىيال 9:7
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ئەمەللىرى مۇكەممەلدۇر؛ ئۇنىڭ بارلىق يوللىرى ھەققانىيدۇر. ئۇ ناھەقلىقى يوق، ۋاپادار بىر خۇدا، ئادىل ۋە دىيانەتلىكتۇر.
دۇئا قىلىپ: ــ «ئاھ خۇدايىم، شەرمەندىلىكتە يۈزۈمنى ساڭا قارىتىشتىن ئىزا تارتماقتىمەن، ئى خۇدايىم؛ چۈنكى قەبىھلىكلىرىمىز تولىلىقىدىن باشلىرىمىزدىن ئاشتى، ئاسىيلىق-ئىتائەتسىزلىكىمىز ئاسمانلارغا تاقاشتى.
ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، سەن ھەققانىيدۇرسەن! شۇ سەۋەبتىن بىز بۈگۈنكىدەك قۇتۇلۇپ قالغان بىر قالدىمىز. قارا، بىز سېنىڭ ئالدىڭدا ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزدە تۇرۇۋاتىمىز، شۇڭا سېنىڭ ئالدىڭدا ھېچقايسىمىز تىك تۇرالماي قالدۇق» ــ دېدىم.
مەسخىرە ھەم كۇپۇرلۇق ئېيتقۇچىلارنىڭ ئاۋازى تۈپەيلىدىن، دۈشمەنلەر ۋە ئۆچ ئالغۇچىلار تۈپەيلىدىن، كۈن بويى ئۇياتىم ئالدىمدىن كەتمەيدۇ، يۈزۈمنىڭ نومۇسى مېنى چىرمىۋالدى.
قان تۆكۈش گۇناھىدىن مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، ئى خۇدا، ماڭا نىجاتلىق بەرگۈچى خۇدا، شۇنىڭ بىلەن تىلىم ھەققانىيلىقىڭنى ياڭرىتىپ كۈيلەيدۇ.
شۇ كۈنى رەب ئىككىنچى قېتىم ئۆز خەلقىنىڭ ساقلانغان قالدىسىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ئاسۇرىيە، مىسىر، پاتروس، كۇش، ئېلام، شىنار، خامات ۋە دېڭىزدىكى يىراق ئاراللاردىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قولىنى يەنە ئۇزارتىدۇ.
ئوغرى تۇتۇلۇپ قېلىپ خىجالەتكە قالغاندەك، ئىسرائىل جەمەتىمۇ خىجالەتكە قالىدۇ ــ يەنى ئۆزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، كاھىنلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى ــ
ئېتىزلىقنى مۇداپىئە قىلىۋاتقانلاردەك، ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشىۋالىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
مەن دەۋايىمنى ئالدىڭغا ئېلىپ كەلسەم، ئادىل بولۇپ كەلدىڭ، ئى پەرۋەردىگار؛ لېكىن سەن بىلەن ئۆز ھۆكۈملىرىڭ توغرۇلۇق سۆزلەشمەكچىمەن؛ نېمىشقا رەزىللەرنىڭ يولى روناق تاپىدۇ؟ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نېمىشقا كەڭرى-ئازادىلىكتە تۇرىدۇ؟
ئىسرائىللار ۋە يەھۇدالار ــ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمىرلىرى كاھىنلىرى، پەيغەمبەرلىرى، يەھۇدا ئادەملىرى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ مېنى غەزەپلەندۈرگەن بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن [شەھەرنى يوقىتىمەن].
شۇنىڭ بىلەن سېنى كەچۈرۈم قىلغىنىمدا، سەن قىلمىشلىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرۈپ خىجىل بولۇپ، شەرمەندىلىكىڭ تۈپەيلىدىن قايتىدىن ئاغزىڭنى ھېچ ئاچمايسەن.» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
ئى رەب، بىزگە، يەنى پادىشاھلىرىمىزغا، ئەمىرلىرىمىزگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغىمۇ يۈزىمىزنى كۆتۈرەلمىگۈدەك شەرمەندىلىك قالدى؛ چۈنكى بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق.
چۈنكى قاراڭلار، مەن بۇيرۇق چۈشۈرىمەن، شۇنىڭ بىلەن خۇددى بىرسى داننى غەلۋىردە تاسقىغاندەك، ئىسرائىل جەمەتىنى ئەللەر ئارىسىدا تاسقايمەن، بىراق ئۇلاردىن ئەڭ كىچىكىمۇ يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
ئۇ چاغدا، يېرۇسالېمدا ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن يەھۇدىي ئەرلەرمۇ تۇرۇۋاتقانىدى.