TSK

TSK · لاۋىيلار 27:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

لېكىن ئەگەر ئۇ ياندۇرۇۋېلىشقا كېرەكلىك پۇلنى تاپالمىسا، ئۆزى سېتىپ بەرگەن يەر ئازادلىق يىلىغىچە ئالغۇچىنىڭ قولىدا تۇرسۇن؛ ئازادلىق يىلى كەلگەندە يەر يەر سېتىۋالغۇچىنىڭ قولىدىن چىقسۇن، ئۆز ئىگىسى ئۆز يەر-مۈلكىگە قايتسۇن.

ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا ئۆز مېلىدىن، ئادەم بولسۇن، ھايۋان بولسۇن ياكى مىراس يېرى بولسۇن، پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتىغان بولسا، ئۇنداق نەرسە ھەرگىز سېتىلمىسۇن ياكى بەدەل تۆلەش بىلەنمۇ قايتۇرۇلمىسۇن. پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتالغان ھەرنەرسە بولسا «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭغا خاس بولىدۇ.

تەلتۆكۈس ھالاكەتكە بېكىتىلگەن ھېچبىر نەرسە قولۇڭغا چاپلاشمىسۇن؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار غەزىپىدىن يېنىپ ساڭا رەھىم كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلغاندەك سېنى كۆپەيتىدۇ.

ئەمىرلەر ۋە ئاقساقاللارنىڭ نەسىھىتى بويىچە، كىمكى ئۈچ كۈن ئىچىدە يېتىپ كەلمىسە، ئۇنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ جامائىتىدىنمۇ ئايرىلىدۇ، دەپ، جاكارنامە چىقىرىلدى.