شۇڭا ئابرام لۇتقا: ــ «بىز بولساق قېرىنداشلارمىز، سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا، مېنىڭ پادىچىلىرىم بىلەن سېنىڭ پادىچىلىرىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش پەيدا بولمىسۇن.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 17:14
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
لېكىن ئەفرائىمىيلار بولسا توپلىشىپ زافون تەرەپكە ئۆتۈپ يەفتاھقا سوئال قويۇپ: ــ سەن ئاممونىيلار بىلەن جەڭ قىلغىلى بارغىنىڭدا نېمىشقا بىزنى بىللە بېرىشقا چاقىرمايسەن؟ ئەمدى بىز ئۆيۈڭنى ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىمىز، ــ دېدى.
ئۇ كۈندىكى بولغان سوقۇشۇش ئىنتايىن ئەشەددىي بولدى؛ ئابنەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى داۋۇتنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى.
ئۇ ياشلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا: ــ ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى سالغان، لېكىن مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىمەن. ئاتام سىلەرگە قامچىلار بىلەن تەنبىھ بەرگەن بولسا مەن سىلەرگە «چايانلىق قامچىلار» بىلەن تەنبىھ-تەربىيە بېرىمەن، دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئامازىيا مەسلىھەتلىشىپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھۇنىڭ نەۋرىسى، يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاشنىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: «قېنى، [جەڭ مەيدانىدا] يۈز تۇرانە كۆرۈشەيلى» دېدى.
كىبىرلىكتىن پەقەت جېدەل-ماجىرالا چىقار؛ دانالىق بولسا نەسىھەتنى ئاڭلىغانلار بىلەن بىللىدۇر.
مۇلايىم جاۋاب غەزەپنى باسار؛ قوپال سۆز ئاچچىقنى قوزغار.
جېدەلگە ئامراق گۇناھقا ئامراقتۇر؛ بوسۇغىنى ئېگىز قىلغان ھالاكەتنى ئىزدەر.
ئۆزىنى ماجىرادىن نېرى قىلىش كىشىنىڭ ئىززىتىدۇر؛ بىراق ھەربىر ئەخمەق ئۆزىنى باسالماس.
چوغلار ئۈستىگە چاچقان كۆمۈردەك، ئوت ئۈستىگە قويغان ئوتۇندەك، جېدەلچى جېدەلنى ئۇلغايتار.
ئىشنىڭ ئايىغى بېشىدىن ئەۋزەل؛ سەۋر-تاقەتلىك روھ تەكەببۇر روھتىن ئەۋزەلدۇر.
شۇ كۈنلەردە، مۇخلىسلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ، گرېكچە سۆزلەيدىغان يەھۇدىيلار يەرلىك ئىبرانىي قېرىنداشلارغا: ــ كۈندىلىك ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىم قىلىنىشتا ئارىمىزدىكى تۇل ئاياللار ئېتىبارغا ئېلىنمىدى، دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.
ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار؛
لېكىن ئەخمىقانە، بىلىمسىزلىكتىن چىققان تالاش-تارتىشلارغا ئارىلىشىشنى رەت قىل، چۈنكى بۇنداق ئىشلارنىڭ جېدەل تېرىيدىغانلىقىنى بىلىسەن.